خەۋەرلەر

ئۇستاز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا ياشلارغا ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدە نەسىھەت قىلدى

ئۇستاز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا ياشلارغا ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدە نەسىھەت قىلدى

 

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان پىشقەدەم ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى كۆپ ۋە مۇساپىرلىق ھاياتتىن ئالغان تەجرىبىلىرى ھەقىقەتەن مولدۇر. 

مۇندىن 50 – 60 يىللار ئىلگىرى ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسا، ئەڭ كۆپ يەرلەشكەن يېرى سەئۇدى ئەرەبىستانى بولۇپ، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا ۋەتىنىنىڭ ۋەزىيىتىنى باشقا مىللەتلەرگە ئۇقتۇرۇش، ئۇ جايدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمان خەلقنىڭ دەرت – ئەلەملىرىنى يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىكەن. بۇنىڭ بىر مىسالى مۇندىن 60 يىل ئىلگىرى مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان«شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلى بولۇپ، ئۇنى مىسىردىكى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋە تۈركىيىدىكى زىيالىي ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ چىقارغان ئىكەن.

4 – فېۋرال ئاخشىمى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇشى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى پىشقەدەم ئۇيغۇرلاردىن ئۇستاز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا، ئەمىن ئابدۇلغەفۇر، ئابدۇللا ئالىم، ۋە مەككە ۋە جىددە شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىر قانچىسى، شۇنداقلا تۈركىيىدىكى«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى. ئولتۇرۇش ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر تىجارەتچى ئابدۇلغەفۇر ھاجىمنىڭ ئوغلى ئەمىن ھاجىمنىڭ ئۆيىدە بولدى.

ئولتۇرۇشتا چوڭلار سورۇندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ۋە تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىرگە، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك نەسىھەتلەرنى قىلدى.

ئۇستاز رەھمەتۇللا تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىدى

«دۇنيا ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرۇلتاي ۋە ئومۇمىي مۇناسىۋەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا چوقۇم پىلانلىق ئىش ئېلىپ بېرىش ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ باسقان يولىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

– ھەممىڭلاردا ئارزۇ بار ئىكەن، بۇ ئارزۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىر ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتتى، ئۇلار ھەممە جايدا بار. ئەمما ئەپسۇسكى، شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە بولۇپ تۇرۇپ، ئىلمىي ساھەدە تىلغا ئالغۇدەك ئىش يوق. نۇرغۇن ياشلار ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈردى، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى دىپلومىنى سومكىسىغا سېلىپ قويۇپ تىجارەت قىلىۋاتماقتا. ئوقۇغانلارمۇ، ئوقۇمىغانلارمۇ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ. تىجارەت قىلسۇن، ئەمما ئوقۇغانغا لايىق بىرەر ئىش قىلىش بىلەن تىجارەت قىلسۇن. ئۇلار ئوقۇغاندىكىن ئوتتۇرىغا چىقسۇن، تۈركىيىگە بارامدۇ ياكى بۇ يەردە بىر ئىش قىلامدۇ، ئىشقىلىپ ئوتتۇرىغا چىقسۇن. ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھەممە ئىشى ئىلىم بىلەن بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن: غەربىي تۈركىستان مەسىلىسىنى شۇ يەردىن كەلگەن ئۆزبېكلەر دۇنياغا تونۇتتى. ئۇلاردىن ئەھمەد زەكى توغان قاتارلىقلارنىڭ ئىلمىي ساھەسىدىكى ئىشلىرى ئاز ئەمەس. بىزدىنمۇ شۇنداق ئۇيغۇرلار بارلىققا كېلىپ، ئىلمىي ساھەدە ئىش ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇر دەۋاسىنى باشقا مىللەتلەر قىلىۋاتىدۇ

ئۇستاز رەھمەتۇللا يەنە مۇنداق دېدى:

– ھازىر ئۇيغۇرنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنى باشقا مىللەتلەر قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن تۆزۈك بىر ئىش قىلمايۋاتىدۇ. ئەمما باشقا مىللەتلەر بۇنى قىلىۋاتىدۇ. خىتايلار تۈركىيىگە كېلىپ، ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇپ چىقىپ، ئاندىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تەتقىقاتىنى ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارماستىن، خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى تۈركىيىدە ئىلمىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بىز ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنياغا تونۇشتۇرساق، مۇنداق ئىككى چوڭ پايدىغا ئېرىشىمىز، بىرى، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزنى چۈشىنىپ، راستىنلا زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلق ئىكەن دەپ بىزگە ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە بىزگە بولغان مۇئامىلە يومشايدۇ، يەنە بىرى، دەۋا تونۇلغاندىن كېيىن، تۈركىستان مەسىلىسى بىر ئاز ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەر ھالدا سىلەردىن ئۈمىد چوڭ. 
 مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئۆمەرجان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close