18-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى باشلاندى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»نىڭ 18-نۆۋەتلىكى 16-ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلانغان بولۇپ، يىغىننىڭ داۋامى 18-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ كوجائەلى ۋىلايىتىدە داۋاملاشتى.
«ئورتاق دەۋا، كۈچلۈك تەشكىلات، ئەمەلىي ھەرىكەت» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىغا تۈركىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرى، تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئالىملار ۋە ئاكادېمىك ئىشتىراك قىلدى.
يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى بىرىنچى بۆلۈمى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ۋە سابىق رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچى، قىممەت قارىشى، مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى نىشانى ۋە بۈگۈنكى كۈنگىچە قىلىنغان خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىملىق يىغىندا پەقەتلا دوكلات سۇنۇش، لېكسىيە بېرىشكىلا مەركەزلەشمەستىن، ئىشتىراكچىلارنىڭ ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرۇشىغا، مەسىلە ھەل قىلىشقا مەركەزلىشىشكە تېخىمۇ كۆپ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، يىغىن سۆھبەت، مۇنازىرىلەر ئاساسىدا داۋاملاشماقتا.







