18-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىسلام

تۈركىيەنىڭ كوجائەلى ۋىلايىتىدە داۋاملىشىۋاتقان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى 3-مەجلىس قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.
ئارقىدىن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى 18-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىلىغا ئاتاپ ئىشلىگەن فىلىم قويۇلدى.
بۇ مەجلىسنىڭ باش تېمىسى «ئىسلام ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» تېمىسىدا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىقنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋاملاشتى.
تۇنجى بولۇپ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى، ئاۋسترالىيە ۋەكىلى ۋە تاشقى ئىشلار مەسئۇلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم «ئىسلامىي ۋە مىللىي نۇقتىئىنەزەردىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
ئارقىدىن يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي «قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرىدا جامائەتلىشىش ۋە تەشكىللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
18-ئىيۇل، يەنى يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيەدە زور تەسىرگە ئىگە بولغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئىزچىل ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان دوكتور ئېھسان شەنئوجاك سامسۇن ۋىلايىتىدىن كېلىپ يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئۇ يىغىن ئەھلىگە قىلغان سۆزلىرىدە تەبرىك ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلالىغا بولغان شەكسىز ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. ئاخىردا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر دوكتور ئېھسان شەنئوجاكقا خاتىرە رامكىسى تەقدىم قىلدى.
























