18- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى خۇلاسە دوكلاتى

18- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى خۇلاسە دوكلاتى
18 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى 2026 – يىلى 16- ئىيۇلدا ئىستانبۇلدا ئېچىلىپ، 17- ئىيۇلدىن 19- ئىيۇلغىچە تۈركىيەنىڭ كوجائەلى ۋىلايىتىدە «ئورتاق دەۋا، كۈچلۈك تەشكىلات، ئەمەلىي ھەرىكەت» شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچرىشىشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن 180 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى سۆز قىلدى ۋە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ پىكىر بىرلىكى ھەمدە ئىش بىرلىكى ئىچىدە، مۇستەقىللىققا ئېرىشىش قەدەملىرىمىزنىڭ تېخىمۇ مەزمۇت بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس فىلىم كۆرسىتىلدى.
يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىندى، خۇلاسە دوكىلاتىنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئوقۇپ ئۆتتى.
خۇلاسە دوكىلاتىدا ئوتتىرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1. مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئىسلامىيەت، ئازادىيەت، ئۇخۇۋۋەت ۋە ئادالەت قىممەت قاراشلىرىغا تايىنىپ ئىقتىدارلىق دەۋا ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكى بايان قىلىندى. ھەمدە مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىم خان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئىدىيەۋى خىزمەتلىرى ياد ئېتىلدى.
2. يىغىندا تونۇلغان ئالىم دوكتور ئېھسان شەنئوجاق سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۇستەھكەم قالقىنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ ھەرىكەت قىلىشى، ئالىملار، سىياسەتچىلەر، مۇتەپەككۇرلار ۋە قوماندانلارنىڭ شۇرا ئاساسىدا ئورتاق ئىستراتېگىيە تۈزۈشى ھەم ياشلارنى زامانىۋى پەنلەردە تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
3. دەۋاغا قۇرۇق ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، قۇرئان، سۈننەت ۋە قائىدە – تۈزۈم ئاساسىدا ھېكمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
4. يىغىندا «قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرىدا جامائەتلىشىش ۋە تەشكىللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلىنىپ، تەشكىللىك ھەرىكەتنىڭ ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان بىر ئىبادەت ئىكەنلىكى، بۈگۈنكى شارائىتتا تەشكىللىنىشنىڭ مىللىي جەھەتتىن زۆرۈرىيەت، شەرئىي جەھەتتىن پەرز ئىكەنلىكى، «مەن» روھىدىن ۋاز كېچىپ «بىز» روھىغا ئۆتۈپ، بىرلىكتە تەشكىللىك خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
5. يەنە دەۋانىڭ مۇنتىزىم سېستىما ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ كېرەكلىكى، ھەرىكەت پىرىنسىپلىرنىڭ ھەرقانداق شەخستىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ۋە يېتەكچىلىكنى شۇرا ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپ ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
6. مائارىپ، ئائىلە ۋە جەمىيەت ئىسلاھاتى مۇزاكىرە قىلىنىپ، بالىلارنى زامانىۋى پەنلەر بىلەن قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق ئائىلىدىكى ئەخلاقىي ۋە دىنىي تەربىيەنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
7. دەۋا خىزمىتىدە ئاياللارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئەسكەرتىلدى.
8. «پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ پىسخىكىسىدىكى پاسسسىپلىق ۋە قورقۇنچ ئېڭى ئانالىز قىلىندى. ھەمدە جەمئىيەتنى مۇئەسسەسەلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ پاسسىپلىقنى يېڭىشنىڭ كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
9. سىياسىي تەجرىبىلەر ۋە تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ، ۋەكىللەر خەلقئارالىق ئەقىل ئامبىرى قۇرۇش، دۆلەت ئەقلى بىلەن مۇستەقىللىق يول خەرىتىسىنى تۈزۈش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن سىستېمىلىق دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىش، ياشلارنى دەۋا سېپىغا قوشۇش ھەمدە خەلقنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى كوللېكتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق يېڭىش قاتارلىق ئەمەلىي تەكلىپلەر بېرىلدى.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ 20 – يىللىقى خاتىرىلەندى. شۇنداقلا ئورتاق دەۋا، كۈچلۈك تەشكىلات، ئەمەلىي ھەرىكەت شۇئارى ئاستىدا، قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا تايانغان دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى، شۇراغا ئاساسلانغان تەشكىلىي قۇرۇلما ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن يېڭىچە قەدەم بېسىشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭدەك بارلىق سىياسىي ھەرىكەت ۋە تەشكىلاتلارنى ھەمكارلىق ۋە بىرلىك ئىچىدە تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان ۋە قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن تەشكىلات ۋە ئورگانلار تۆۋەندىكىچە؟
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى
شىۋىتىسيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
شەرقىي تۈركىستان مىدىئا ۋە ئاخپارات جەمئىيىتى
سۇتۇق بۇغراخان ئېلىم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان نۇزگۇم ئائىلە ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى
فىللاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى
كۆك ھىلال ئىنسانى ياردەم جەمئىيىتى
ئۇيغۇر ئېلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى
سەئىدىيە ئېلىم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان خانلىق ۋەخپىسى
كونيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋەخپىسى
ئېلى مەشرەپ ۋەخپىسى
ئوقۇ ئىلىم تەتقىقات ۋەخپىسى
شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى
2026 – يىلى 19- ئىيۇل، يەكشەنبە / كوجائەلى – تۈركىيە





















