ماقالىلار

تۈركىيە «قانال A» تېلېۋىزىيىسىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئەسەد رېجىمىنى قوللاپ تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسى توغرىسىدا تۈركىيىنىڭ كانال ئا تېلېۋىزىيىسىدە مەخسۇس بىر پروگرامما تارقىتىلدى.

بۇ پروگراممىغا تۈركىيە ئىستراتېگىيە چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچى خانىمنىڭ ئالدى بىلەن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«يېڭىدىن كۈچلىنىۋاتقان خىتاي بىلەن دۇنيادا مەۋجۇت بولغان بىرىنچى كۈچ ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك جەھەتتە ئىستراتېگىيىلىك بىر بېسىم قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، خۇسۇسەن ئامېرىكا ئەڭ زامانىۋى قوراللار بىلەن خىتاينىڭ ئەتراپىنى قورشاۋغا ئالغان بىر ۋەزىيەتتە بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىزدا دېڭىز ئاستى ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن، قۇرۇقلۇقتا قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرى بىلەن، ھاۋادا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ زامانىۋى رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ھەم خىتاينى ئىستراتېگىيىلىك بىر بېسىم ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا 6 ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىن ۋيېتنام، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تەخمىنەن 40 تىن ئارتۇق قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۇنىڭدىن 2 ئاي ئىلگىرى ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىن خىتايدىن باشقا 22 دۆلەتنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مانېۋىرىدۇر. بۇ ۋەزىيەت ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرۈۋەتتى. يېقىنقى 500 يىللىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان كۈچ ھەر زامان مەۋجۇت بولغان كۈچكە خىرىس قىلىپ كەلدى. ئىنسانلار، تارىختىكى ۋەزىيەتكە قاراپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈمىگە قارشى چىقىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىردىن باشلاپ بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا.»

erkin-ekrem-turkiye-kanal-385.jpg
دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە «قانال A» تېلېۋىزىيىسىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى. 2012-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، پروگرامما رىياسەتچىسى خانىمنىڭ، خىتاي دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچ بولالامدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى ئامېرىكىغا ئوخشاش بىرىنچى كۈچ بولۇش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك. خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيانى تەسىر دائىرىسىگە ئالالايدىغان بىر كۈچ ھالىغا كېلىشى بەك قىيىن. بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى بولۇپ، بىرىنچىدىن، خىتاي مەلۇم مىقداردا پەن-تېخنىكىغا ئىگە، ئەمما زامانىۋى پەن-تېخنىكىغا ئىگە ئەمەس. خىتاي بۈگۈنكى كۈندە ئايغا چىقتى، دېڭىز ئاستىغا كىردى بۇ تېخنىكىلار بولسا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرىكى پەن-تېخنىكلىرىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي، زامانىۋى قورال ئىشلەپ چىقىرىشتا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدىن بەك ئارقىدا قالغان بىر دۆلەت. دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈكى بولۇش ئۈچۈن دۇنياغا نىسبەتەن ئەڭ ئاز 22% قورال ئىشلەپ چىقىرىش كېرەك. ئىقتىسادى كۈچ جەھەتتە دۇنيادىكى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش نىسبىتىنىڭ 33% ئىنى تەشكىل قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇمشاق كۈچ دەيدىغان يەنى دۇنيانىڭ قىممەت قارىشىمۇ دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ 40پىرسەنتىنى تەسىرگە ئۇچرىتالىشى كېرەك. مۇشۇنداق بىر شەرت ھازىرلانغاندا ئاندىن دۇنياۋى كۈچ بولالايدۇ. ئەمما خىتاي ھازىر رايون خاراكتېرلىك بىر كۈچ بولسىمۇ لېكىن دۇنيا خاراكتېرلىك بىر كۈچ بولۇشى بەك قىيىن. خىتاي رايونلۇق كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ پايدا-مەنپەئىتى ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستېمىسىنى خىتاي بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ بۇ سىستېمىسى ۋەيران بولغان ھامان ئامېرىكىمۇ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئالدىن تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن ئاسىيا تىنچ ئوكياندا ھەرىكەت قىلماقتا.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە رىياسەتچى خانىمنىڭ، خىتاينىڭ كۈچىيىشىدىن، يالغۇز ئامېرىكىلا ئەندىشە قىلامدۇ ياكى رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئەندىشە قىلامدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيىتىدىن ۋيېتنام، فىلىپپىن، ياپونىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرمۇ خىتايدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ھەر قانداق بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىققان ھامان ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى ئانالىز قىلىش كېرەك. ئەمما خىتاي بۇنى قىلالمىدى. يەنى خىتاي كۈچلىنىش بىلەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قاراشلىرى، ۋە ئەندىشىلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدى. يەنى خىتاي يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىدى. ئۇلارنى قايىل قىلالمىدى، ئۇلارغا ئىشەنچ بېرەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ دۆلەتلەرمۇ ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. يېڭىدىن يۈكسەلگەن كۈچكە بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكا كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئەندىشە قىلىشى بىلەن باشقا كۈچلەرنىڭ ئەندىشە قىلىشى بىرلەشتى. شۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا يۈزلەندى. ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ئاۋىئاماتكىلىرىدىن 6، 7 دانىسى ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا يۈزلەندى. ئادەتتە بۇ ئاۋىئاماتكىلاردىن 3 دانىسى بىر رايونغا يۈزلەنگەن زامان ئۇرۇش ۋەزىيىتى دېمەكتۇر. ھازىر ئاسىيا تىنچ ئوكياندا ئامېرىكىنىڭ 6، 7 دانە ئاۋىئاماتكىسى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ ئامېرىكىنىڭ يۈكسىلىۋاتقان خىتايغا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئىستراتېگىيىلىك بىر قورشاۋغا ئېلىش ياكى ئىستراتېگىيىلىك بىر قايىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى 2009-يىلى خىتاي ئامېرىكىنىڭ گ2 دۆلىتى قۇرايلى، دۇنيانى سەن شەرقتە مەن غەربتە ئىدارە قىلىپ باشقۇرايلى دېگەن تەكلىپنى خىتاي رەت قىلدى. دېمەك خىتاي ئامېرىكىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيادا تۈزگەن سىستېمىغا كىرىشنى خالىمايدۇ.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچى خانىمنىڭ، نېمە ئۈچۈن خىتاي ئەسەد رېجىمىنى قوللايدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئەسلىدە، سىياسەت، تىجارەت، ئىقتىساد ۋە ياكى رايونلۇق ھەمكارلىق دېگەنگە ئوخشاش جەھەتلەردە خىتاي بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق پايدا-مەنپەئەت يوق. ئەمما خىتاينىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوللاشنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى بار، بىرىنچىسى: چەتئەل كۈچىنىڭ مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق، شۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆزگەرتىشىنى خىتاي قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى خىتاينىڭمۇ، تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرى بار. ئەگەر بۇ مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ چەتئەل كۈچلەر مۇداخىلە قىلغان زامان خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان سالغان بولىدۇ، ھەتتا ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بۇ خىل ئۈلگىلەرنىڭ داۋام قىلىشىنى خالىمايدۇ.
2‏-سەۋەب: غەرب كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇشىنى خالىمايدۇ، ئەگەر غەرب ئەللىرى ئوتتۇرا شەرقتە تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان تەقدىردە خىتاينىڭ كۈچلىنىشىنىڭ ئاساسىي ۋە ئەڭ كۆپ ئېھتىياجى بولغان ئېنېرگىيىنىڭ 60% ئېھتىياجى ئوتتۇرا شەرقتىن تەمىن ئېتىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرا شەرق غەرب ئەللىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ھامان، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرى ئاجىزلايدۇ، خىتاي-ئوتتۇرا شەرق، خىتاي-ئافرىقا، خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى دېگەنگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر ۋە قۇرۇلغان مۇنبەرلەر تەسىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

3‏-سەۋەب خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خىتاي رۇسىيىنى قوللاش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. سۈرىيە رېجىمىنى قوللاشتىكى ئاساسى مەقسەتلەردىن بىرى رۇسىيىنىڭ ئىزىدىن مېڭىشتىن ئىبارەت. ئامېرىكا ھەر ئىككى دۆلەتكە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرى جەھەتتە بېسىم قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيە ھەمكارلىق ئىچىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا.»

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close