ماقالىلار

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، مۇجاھىد بارات ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 10 يىل بولدى

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، مۇجاھىد بارات ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 10 يىل بولدى  

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەڭچىسى، بىر ئۆمۈر شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى، ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان مۇجاھىد جەڭچى بارات ھاجى 2003- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇقەددەس مەككە شەھرىدە 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. مانا بۇنىڭغا دەل 10 يىل بولدى.

بارات ھاجى رەھمەتلىك 1910- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى قەشقەردە تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق دەۋرلىرىدە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان، ھۈنەر ئۈگەنگەن. 1930- يىلغىچە قەشقەر شەھىرىدە دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلغان.

1931- يىلى خىتاينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى خوجا نىياز ھاجى رەھبەرلىگىدە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئىنقىلاپ ئوتى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يىرىگە تۇتاشتى، تاجاۋۇزچى خىتايلارغا قارشى ئازادلىق ھەرىكەتلەر ئەۋجىگە كۆتىرىلگەندە بارات ھاجى ئەسكەر بولۇپ جىھادقا ئاتلانغان. مەرھۇم بارات ھاجى 1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەڭچىسى بولغان، مەرھۇم، ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىد بولغان ئىدى.

 

مەرھۇم بارات ھاجى ئۆمرىنىڭ زور بىر قىسمىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەمدە بۇ دۇنيانىڭ دەۋزىقى بولغان كومۇنىست خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. ئۆمرىنىڭ 30 يىلغا يېقىن قىران مەزگىللىرىنى خىتاي جاللاتلىرىنىڭ تۈرمىلىرىدە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋۇز، ۋەھشى قىيىن- قىستاقلار، ئادەمنى تىرىك ئۆلتۈرىدىغان ھاقارەتلەر بىلەن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. پېشقەدەم جەڭچى ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى يىگىرمە يىللاپ 1. 2 م خ 1. 5 م لىق تۈرمە كامىرلىرىدا ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتكۈزۇش بىلەن بىللە مۇبارەك قۇرئانى كەرىمنى ئوقۇغان.

بارات ھاجى جانابى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مىڭ بىر جاپادا تۈركىيەگە كەلگەن ۋە ۋەتەن مىللەت داۋاسى ئۈچۈن ھەرداھىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ تۈرك قېرىنداشلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. بارات ھاجى ۋاپاتىدىن كىيىن تۈركىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەرھۇمنىڭ ھايات مەزگىلىدىكى ئۆچمەس ئىش ئىزلىرىنى پۈتۈن تۈركىيە خەلقىگە قايتا- قايتا ئاڭلاتتى. بارات ھاجى داھىم ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاداققى نىشانى ئۈچۈن ئويلىدى، ھەرقانداق ئەھۋالدا نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش ، نىشان ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئۇنىڭ ھاياتلىق مەقسىدى ئىدى. پېشقەدەم مۇجاھىد بارات ھاجىنىڭ نۇر يېغىپ تۇرىدىغان مۇبارەك چىرايى ھېلى تېلىۋىزور ئېكرانلىرىدا كۆرۈنسە، ھېلى گېزىت – ژورنال سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن بىر سىمۋوللۇق ھالەتكە كەلگەن ئىدى. ئۇ ھېچبىر خاتىرە كۈنلەرنى ئېسىدىن چىقارمىغان بولۇپ، ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ نامايىشقا چىقاتتى، ئۇنىڭ ھەمرايى، سەبدىشى ۋە دائىملىق يولدىشى ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى، ئۇ ھارمايتتى، زىرىكمەيتتى، ئۈمۈدسىزلەنمەيتتى. چۈنكى ئۇ ۋەتەننىڭ بىر جەڭچىسى ئىدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا دوزاقنىڭ بۇ دۇنيادىكى كۆلەڭگىسى بولغان خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب دەستىدىن ئۆلۈپ كەتكەن سانسىزلىغان سەبداشلىرىنىڭ، رەھبەرلىرىنىڭ، قولداشلىرىنىڭ ئۈمۈدلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. ئاشۇ تۈرمىلەرنى ھەر قېتىم كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە بىر قېتىم ئۆزىگە قامچا سېلىپ نىشانغا قاراپ ئاتلىنىشقا رىغبەتلىنەتتى. ھۆرلۈكنىڭ قەدرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولاتتى، شەھىدلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈنسىز ”ئەلۋىدا!“، ”ھۇررا!“ دىگەن سادالارنى ھىس قىلاتتى. ئۇلارنىڭ دىيىشكە ئىنتىلگەن ، لېكىن دىيەلمەي قالغان سۆزلىرىگە بارات ھاجى ئۆزىنى قەرىزداردەك ھىس قىلاتتى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھەردايىم ئۆزىگە ”ئالغا !. . ” دەپ بۇيرۇق بېرىپ تۇراتتى. بۇ بۇيرۇق- ۋەتەننىڭ ساداسى، مىللەتنىڭ ئەمرى ئىدى!

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بارات ھاجىنىڭ رىيازەتلەردىن پۈتكەن ئۆمۈر داستانى ”ھىسسىياتنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش تىجارىتى“ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، جامائەتنىڭ دىققىتىنى ئۆزى تەرەپكە تارتىش غەرىزىدىكى پۇرسەتپەرەسلەر ئۆز غەرەزلىرى يولىدا پايدىلىنىۋېلىپلا خۇددى ”ھاڭگا ئېشەك بالىسىغا ئىگە بولمىغاندەك“ تاشلىۋەتكەن چاغلاردىمۇ، شۇنچە يىل تۈرمىلەردە چەككەن مۇشەققىتى يەتمىگەندەك چىدىغۇسىز تۆھمەتلەرگە قالغان چاغلاردىمۇ، مۇشۇ ھۆر دۇنياغا كېلىپمۇ سوغۇقتا ئۈششۈپ، يېتىم بالىدەك غېرىپسىنىپ، كېسەل بولغاندا قارىغىلى ھېچكىم يوق، ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقاندىمۇ ۋەتەننىڭ نىداسىنى ، مىللەتنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشتىن ھېرىپ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ قېنى شەھىدلەرنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ”مەن ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن شۇنچە يىل رىيازەت چەككەندىكىن، خەلقىم ماڭا رەھمەت ئېيتىشى، مىنى قەھرىمانىمىز دەپ ھۆرمەت قىلىشى“ كېرەك دىگەن شەخسى تامادا بولماي، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇ چەتئەللەردىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەبەدىيلىك غايىسى ئۈچۈن ئاخىرىقى تىنىقى قالغۇچە كۈرەش قىلىشنى بەخت ھىساپلاپ كەلگەن ئىدى، ئۇ ئەنە شۇنداق ئاددىي، گىگانت جەڭچى ئىدى! شەرقىي تۈركىستان مانا شۇنداق جەڭچىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ؛ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاب تارىخى مانا شۇنداق ئەزىمەتلەرنىڭ شانلىق ئىزلىرى بىلەن بىزىلىدۇ ! ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ باتۇر جەڭچىسى ۋە شاھىدى، بىر ئۆمۈر ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان مەرھۇم بارات ھاجى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!

 

مەرھۇم بارات ھاجىغا جانابى ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلە – تاۋاباتىغا سەبىر ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز! مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت ياتقان يېرى جەننەت بولغاي ئىنشئاللاھ.

مەرھۇم بارات ھاجى 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 – يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە شاھىت بولغان ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانىدا ئەسكەر ۋە قۇماندان بولۇپ ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىت بولغان. كېيىنكى زامانلاردا خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرملىرىدە 32 يىل ياتقان ۋە خىتاينىڭ قىيىن قىستاقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ ھەرگىزمۇ باش ئەگىمىگەن بىر قەھرىمان. مەرھۇم بارات ھاجى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ ھاردىم-تالدىم دىمەستىن چەتئەللەرگە چىقىپ ۋەتەن داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرملىرىدە 32 يىل يېتىپمۇ خىتاي زالىملىرىغا قىلچە باش ئەگىمىگەن تىز پۈكمەس مۇجاھىد، قەھرىمان بارات ھاجىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنى ئەسلەيمىز ۋە مەرھۇمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى ئەسلەيمىز.

1933 – يىلى قەشقەردە 1944 – يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ شاھىدى ۋە غازىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى مەرھۇم بارات ھاجى 1910 – يىلى قەشقەردە توغۇلۇپ 2003- يىلى 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە تويۇقسىز ۋاپات بولدى.

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close