ماقالىلار

مۇجاھىد ئىسمايىل سەمەدنىڭ شەھىد بولغانلىقىنىڭ 7 – يىلى

مۇجاھىد ئىسمايىل سەمەدنىڭشەھىد بولغانلىقىنىڭ 7 يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنى ئەسلەيمىز

 

2 ئاينىڭ 8 كۈنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقى يەنە بىر باتۇر ئوغلانىدىن ئايرىلغان ئېچىنىشىلىق بىر كۈن.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىپتىخارى، ھەقىقى مۇجاھىدى، باتۇر، قەھرىمان ئوغلانى ئىسمايىل سەمەد (تەخەللۇسى ئىلھام) 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇھەررەمنىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئۈرۈمچىدىكى خىتاي تاجاۋۇزچى، رەزىل، قانخور، جاللاتلىرى تەرىپىدىن خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈرمىسىدە 37 يېشىدا مىلتىق بىلەن ئېتىلىپ شەھىد قىلىندى ۋە جەسىدى سائەت 10 دا ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى.

سۈرەت: شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس قەھرىمان ئوغلانى، ھەقىقى مۇجاھىدى ئىسمايىل سەمەد ئوغلى ئابدۇللاھ بىلەن پاكىستاندا چۈشكەن سۈرىتى 1999 يىل.

خىتاينىڭ تېررورلۇقى دەستىدىن ھىجرەت قىلىپ پاكىستانغا چىققان ۋە ئۆيلىنىپ 5 پەرزەنتلىك بولغان. ھازىر پۈتۈن ئائىلىسى ئۈرۈمچىدە.

مەرھۇم ئىسمايىل سەمەد، 1969-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر يېڭىسار ناھىيەسى ساغان يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىنى يېڭىسار ساغاندا ئۆتكۈزگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭىساردىكى دىنىي كۇرستا قۇرئان، ئەرەپ تىلى ۋە ئەرەپ تىلى گىرامماتىكا دەرسلىرىنى ياخشى ئوقۇپ، ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. ئىسمايىل سەمەدنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە يۇرتداشلىرى ئىسمايىل سەمەدنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تالانتىدىن بەك سۆيۈنۈپ تېخىمۇ ياخشى، مۇكەممەل ئالىملاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن 1986-يىلى قەشقەر قاغىلىق ناھىيىسىدىكى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ يېنىغا دادىسى ۋە باشقا مەھەللىدىكى پېشقەدەملەر ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن. مەرھۇم بۇ جەرياندىمۇ تىرىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، تەقۋادارلىق بىلەن ئەجىر قىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ جىھادتىن ئىبارەت بۇ سىياسى كۈرەشچانلىق قىسمىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەش قىلماي دۇنيادىن كېتىشنى ئۆزى ئۈچۈن جىنايەت ھېساپلىغان. خىتايغا قارشى جىھاد ئاچماي دۇنيادىن كېتىشنى ئۆزى ئۈچۈن ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مۇسىبەت- دەپ تونۇغان.

شۇڭا داۋاملىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا جىھادىي روھنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ شانى-شەۋكىتى، ئىززەت-ئابرويى، ھەقىقى ئازادلىق ۋە ھۆرلۈكىنى جىھاد ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسلىق تېمىنى تونۇپ يېتىپ، تەشۋىق قىلغان. 1989-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تېرىپىدىن قاغىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تارقىتىۋېتىش ۋەقەسىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. 1990-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى قارغىلىقتا ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچى، مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى قاغىلىقتا قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.

1990-يىلى 3-ئايدا بارىن جىھادىي ھەرىكىتىنىڭ باش رەھبىرى شەھىد زەيدىن يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ جىھادىي ھەرىكەتنىڭ غايىسى ۋە يۆنۈلۈشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە بۇ ھەرىكەتنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىغان. 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىسمايىل سەمەدنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېڭىسار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارە ساقچىلىرى گۇمان بىلەن قولغا ئېلىپ پۇت قوللىرىغا كويزا-كىشەن سېلىپ تۈرمىگە قاماپ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان فاشىستىك ۋاستىلار بىلەن قىينىغان، يالىڭاچ بەدىنىنى ئوتقا تۇتۇپ كۆيدۈرۈپ ئازاپلاپ سوراق قىلغان، خىتاي فاشىستلىرى ھېچقانداق ”جىنايى پاكىت“قا ئىقرار قىلدۇرالمىغاندىن كېيىن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ خىتاينىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەرنىقاماپ جازالايدىغان لاگىرلىرىدىن بىرى بولغان ئاقسۇ ئارال ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدا ئېلىپ بارغان. ئىسمايىل سەمەد خىتايغا قارشى كۈرەش قىلغان يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قەھرىمان ياشلار بىلەن بىللە جازالانغان.

1993-يىلى 1-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. بۇ ئوت يۈرەك مۇجاھىد، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقى ئوغلانى ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلماي، تىنچ يېتىشنى ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدىكى جىنايەت دەپ بىلگەن. خىتاينىڭ يېڭىسار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىغىنىڭ ئۆيىگە ۋە يېڭىسار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا بىناسىغا 1993-يىلى 7-ئايدا قەرەللىك بومبا قويۇلغاندىن كېيىن ئىسمايىل سەمەدنىڭ دوستى قولغا ئېلىنىپ 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىسمايىل سەمەد 1993-يىلى 8-ئايدا گۇمان بىلەن قايتا قولغا ئېلىنىپ دەھشەت بىلەن قىينىغان نەتىجىدە سېرىق ئېتى يىرتىلىپ كەتكەن، ئىسمايىل سەمەدنى مەجرۇھ قىلىۋەتكەن خىتاي فاشىستلار ئۇنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ مەجبۇرى 3 يىللىق ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش جازاسى بېرىپ قەشقەر توققۇزاق ناھىيە مۇش يېزىسىدىكى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش لاگىرىغا ئېلىپ بارغان.

توققۇزاق مۇشتىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى ئىسمايىل سەمەد ئېغىر يارىدار بولغاچقا ئۇنى قوبۇل قىلمىغان. خىتايلار ئامالسىز ئۇنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي قولغا ئېلىش، ئازاپلاش، قاتتىق قىيناشلىرىغا ئۇچرىغان ئىسمايىل سەمەد 1997-يىلى 1-ئايدا سەبداشلىرى بىلەن چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ، ھەقىقى مۇھاجىرلىق ھاياتىنى باشلىغان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ كۆپلىگەن ياشلارنى ھەربىي مەشىق قىلدۇرغان.  2000-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى پۇل دىسە ھەممە نەرسىسىنى سېتىۋېتىدىغان رەزىل، ئىپلاس پاكىستانلىق ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ،2003-يىلى خىتايغا غالچىلىق قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان پەرۋىز مۇشەررەپ تەرىپىدىن خىتايغا سېتىپ بېرىلگەن ئىدى.

2003-يىلدىن كېيىن ئىسمائىل سەمەد ئۈرۈمچىدىكى ”خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈرمىسى“ گە قامىلىپ 4 يىللىق سوراق-سوئال ۋە قاتتىق قىيناشلاردىن كېيىن 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىدىكى ”دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈرمىسى ”دە شەرەپلىك ھالدا (مىلتىقتا ئېتىپ)شەھىد قىلىندى. جانابى ئاللاھتىن ئىسمائىل سەمەدكە جەننەتۇل پىردەۋىستىن ئورۇن بېرىشنى تىلەيمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى ۋە يېقىنلىرىغا ئاللاھتىن سەبىر ۋە رەھمەت تىلەيمىز.

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close