خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئانا تىل يەسلىسىدە 120 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىرلا ۋاقىتتا دەرس باشلىدى

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئانا تىل يەسلىسىدە 120 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىرلا ۋاقىتتا دەرس باشلىدى

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي، ئاقساراي رايونلىرىغا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى مەكتەپلەردە يېقىندا ئىككىنجى مەۋسۇملۇق دەرس باشلانغان بولۇپ بۇ مەۋسۇم 4 ‏- ياشتىن 6 ‏- ياش ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 120 نەپەر ئوقۇغۇچى دەرسكە قاتناشقان. بۇ مەۋسۇم ئۆتكەن مەۋسۇمدىگە قارىغاندا 20 ئوقۇغۇچى كۆپەيگەن. 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ 3 ئورۇندا ئېچىلغان يەسلى سىنىپلىرىدا ھازىر ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر ئاساسلىقى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىدا راۋان سۆزلەيدىغان، ئادەتتىكى سانلارنى ساناش ۋە ھېسابلاش، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرۈپ ئادەتلىرى بىلەن ياخشى تونۇشۇش، ئەدەب – ئەخلاق ۋە ئىسلام دىنىدىن مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، شۇنداقلا قۇرئان كەرىم ئوقۇش ساۋادىنى چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىكەن. 

ئىگەللىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ كۆپىنچە دۆلەتلىرىدە  ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرۈپ – ئادەتلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن  ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلاردا ئانا تىل يەسلىلەر ئېچىلغان. ھازىر دۇنيانىڭ قەيەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان كۆپىنچە يەرلەردە ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. 

ئىگەللىنىشىچە، خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى شەھەر، ناھىيە، يېزا بازار، كەنت، مەھەللەردە قوش تىللىق يەسلى مەكتەپلەرنى كۆپلەپ تەسىس قىلغان ۋە 4 ‏- ياشتىن 6 ‏- ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرى توپلىغان. بۇ يەسلىلەردە ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆچمەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىدىكەن.  پەرزەنتىلىرىنى بۇ مەكتەپلەرگە بېرىشنى خالىمىغان ئائىلىلەرگە پۇل جازاسى قويۇپ، پەرزەنتلىرىنى يەسلىگە بېرىشكە مەجبۇرلايدىكەن. 

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قوش تىللىق يەسلى نام ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، رايون، ناھىيە، يېزا-كەنت ۋە مەھەلىلەردە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تىلىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1470 دانە يەسلى مەكتەپ قۇرغان.  خىتاي دائىرلىرى بۇ خىل يەسىلىلەرنى  تېخىمۇ كۆپ سېلىش ئۈچۈن يېقىندا 2مىليارد 95 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 85% ئۇيغۇر پەرزەنتىنى بۇ خىل يەسلىدە خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان.

 بىز، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مۇنەۋۋەر خانىم، 2007 ‏- يىلدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان بۇ يەسىلىلەرنىڭ ئۆنۈمىنىڭ ياخشى بولىۋاتقانلىقىنى، ھازىر بۇ يەسىلىلەردە 120 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى دەرس ئوقۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يەسىلىلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس باشلىغاندا دەرستە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى يەسلىگە جەم قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، پات – پات – ئاتا ئانىلارنىمۇ يىغىپ سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق، ئىستانبۇلدا بىر – بىرى بىلەن تونۇشماي ياشايدىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ تونۇشۇشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز – ئارا ئارىلىشىپ ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىسىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close