خەۋەرلەر

ئابابەكرى قاسىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن پالاۋ قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تېزرەك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

ئابابەكرى قاسىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن پالاۋ قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تېزرەك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2009‏-يىلى گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، تىنچ ئوكياندىكى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ئادىل نۇرى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋال ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بىراق پالاۋ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن پەقەت بىر قانچە كۈن ئاۋۋال خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئادىل نۇرىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى ھازىرغا قەدەر مەجھۇل. ئادىلنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرگەن بولساقمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئالبانىيىدە تۇرۇشلۇق ئابابەكرى قاسىم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، ئادىل نۇرىنىڭ ئەھۋالىدىن داۋاملىق خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن پالاۋ قاتارلىق ئەللەردىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تېزرەك ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close