پائالىيەتلەر

قازاقىستان بىرلىك جەمئىيىتى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى

قازاقىستان بىرلىك جەمئىيىتى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى

2013- يىلى 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى قازاقىستان بىرلىك جەمئىيىتى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى گۈزەلىيە ئازناباقىيۇۋا خانىم جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلىپ جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خىزمەت – پائالىيەتلەردە پىكىر  ئالماشتۇردى.

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن جەمئىيەتنىڭ غايە مەقسەتلىرى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت – پىلانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

گۈزەلىيە ئازناباقىيۇۋا خانىممۇ قازاقىستان بىرلىك جەمئىيىتى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت – پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

سۆھبەت نەتىجىسىدە ھەر ئىككى تەشكىلات بۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت ئىشلەش، تەشۋىقات ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ ئىككى دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق قارار ئالدى.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close