خەۋەرلەر

شەرقى تۈركىستاندا خىتايلارغا كوزىنى ئېچىپ قارىشىمۇ جىنايەت

شەرقى تۈركىستاندا خىتايلارغا كوزىنى ئېچىپ قارىشىمۇ جىنايەت

 

شەرقى تۈركىستان، تاجاۋۇزچى ختاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بىرى زۇلۇم ۋە تالان- تاراجقا ئۇچراپ كەلمەكتە. مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دېگەندەك ۋەتەن ئىگىلىرى ئۆز ماكانىدا ياشاش ھەققىدىن مەھرۇم بولماقتا ، جىنايەتچى بولۇپ قاقتى سوقتى قىلىنماقتا.

 

يېقىندا چەتكە چىققان بىر ھەمشەھىرىمىز ۋەتەننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىلىق سورالغىنىدا، ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى سورىماڭلار، ئەھۋالىمىز ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى. خىتايلار بىز ئۇيغۇرلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىغان دەرىجىگە يەتتى. خىتاي بىلەن ئۇيغۇر بازار- رەستىدە جىدەللىشەلمەيدۇ، خىتاي يولسۇزلۇق قىلغان بولسىمۇ يەنە ئۇيغۇر خاتالاشقان بولىدۇ، ناۋادا ساقچىخانىغا كىرىپ قىلىپ قانۇن يوقمۇ ؟ ماۋۇ خىتاي يولسۇزلۇق قىلغان تۇرسا ، يەنە مەن خاتالاشقان بولىمەنمۇ ؟ دىسە ، ساقچىلار نۇمۇس قىلماي ، توغرا سەن خاتالاشقان بولىسەن، سېنىڭ خىتايلارغا كۆزەڭنى يوغانراق ئېچىپ قاراش ھەققىڭ يوق دەيدۇ. ئۇنى ئاز دەپ ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ ياكى ھېچقانداق ئۆينىڭ ھۆرمىتى يوق. كىچىلىرى دەرۋازىدىن خالىغانچە بېسىم كىرىپ ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ ، خالىغان ئادەملەرنى ئاساسسىز تۇتۇپ كىتىدۇ، چوڭ – كىچىك، ئەر – ئايال دىمەي يوللاردا خالىغانچە خارلاش ، قاقتى سوقتى قىلىش ئىشلىرى ناھايىتى ئېغىر. ئاللا ئىشىمىزنى ئاسان قىلىپ بەرسۇن ! سىلەر دۇئا قىلىپ قويۇڭلار دېگەن.

 

ئۇ كىشىدىن يەنە ، مۇشۇنداقمۇ ئىش بۇلامدۇ ؟ خەلق بۇ زۇلۇمغا قانداق چىدايدۇ؟ ئىنساپ نەدە قالدى ؟ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يوقمۇ ؟ دەپ سورالغىنىدا ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ يۈرىگى قاتتىق ئىزىۋېتىلگەن، بىر كىشىلىك جىنىنى جان ئىتەلىسە باشقا ئىش بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق دېگەن.

 

بۇ ھەقتە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي سىراجىددىن ئەزىزى پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى : ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئىنسان ياكى مۇسۇلماندا 1- دىنىم ئىسلام 2- ئىلاھىم ئاللا ، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، 3 – دۈشمىنىم كومۇنىست خىتاي ھاكىيىمىتى دېگەن ئۈچ نوقتا ئۆزىمىزدا ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا يېتىشمىسە ، دوست – دۈشمەننى پەرق ئەتمىسەك، مۇھەببەت – نەپرىتىمىز ئىنىق بولمىسا بىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش ھەققىمىز تۈگەيدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close