خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بايانات

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بايانات

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئېلان قىلغان باياناتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى كشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە خاتىمە بېرىشى كېرەك

 

بۇنىڭدىن 64 يىل ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى قوبۇل قىلىندى ۋە بۇ خىتابنامىدىكى كشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا دائىر ماددىلارغا خىتاي قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىمزا قويدى. ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا. خىتاي ب د ت نىڭ ئۆزى ئىمزا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويماسلىكى كېرەك. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى توختاتمايدىكەن، بۇ دەپسەندىچىلىك، بېسىم ۋە زۇلۇمدىن پارتىلاپ چىققان ھەر قانداق ۋەقە ۋە ھادىسىلەرگە يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى جاۋاپكار بولىدۇ.

 

كىشىلىك ھوقۇق ھەر بىر كىشىنىڭ ئىنسان بولۇپ يارىتىلىشى بىلەن تەڭ ياراتقۇچى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھ تەرىپدىن، ئۇنىڭغا بېرىلگەن؛ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئاساسىي مەنبەسى. ئىنسانلار ئۆز قەدىر _ قىممىتى بىلەن ياشاش ئىنساننىڭ تەبىئىي ھەق ۋە ھوقۇقىدۇر، ھېچ كىمنىڭ ئىنسانلارنى ئېزىپ، دەپسەندە قىلىش ھەققى بولمايدۇ.

 

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتوم بومبا سىناق قىلماقتا، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا ئىكىلوگېيسى زەھەرلىنىپ، نۇرغۇن ئىنسانلار ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولدى ۋە ياكى ئۆلۈپ كەتتى. خىتاي توغۇت چەكلەش ئۈچۈن پىلانلىق توغۇت سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە، دىنى ئەركىنلىككە قارشى تۇرۇپ، دىنى ۋە مىللىي باستۇرۇشلار ئېلىپ بارماقتا، قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى خىتايلاشتۇرماقتا. ياشلارنى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنى، ئاياللارنى مەسچىدتە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىمەكتە. توي قىلىش يېشىغا يەتكەن قىز _ ئوغۇللارنى مەجبۇرىي ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. قۇللۇق تۈزۈم بىلەن ئېغىر ئىشلارغا سېلىپ، زۇلۇم قىلماقتا. قىزلىرىمىزنى ئاياغ ئاستى قىلىپ خارلىماقتا. ھەق _ ھوقۇق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى، ئەكسىيەتچى دېگەندەك بوھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خىتايغا قارشى كۆرەش قىلغان ياشلارنى، تېررورچى دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگىلەرگە سولىماقتا ۋە ئۆلتۈرمەكتە. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈپ ئىچكىرگە توشىماقتا. شەرقىي تۈركىستان بايلىقلىرىنىڭ ئەسلى خوجايىنلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى نامرات قالدۇرۇپ، پۇل _ ماللىرىنى تالان – تاراج قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنى ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق دىكتاتۇرلۇق بىلەن باشقۇرۇپ كەلمەكتە. 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. خىتاي زۇلۇم قىلىشتا چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. خىتاينىڭ بۇ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى قاراڭغۇ تۈرمىلەردە قىيىن قىستاق ۋە ئىسكەنجە بىلەن قىيناپ زۇلۇم قىلماقتا، سوت ئاچماستىن خالىغانچە ئۆلتۈرمەكتە.

ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭئۇيغۇرمۇسۇلمانلارغاقارشىبېسىمسىياسەتلىرىكۈندىنكۈنگەئېشىپبارماقتا ۋە دۇنيابۇۋەزىيەتكەسۈكۈتقىلماقتا. خىتاي شەرقىيتۈركىستانداباشتاياشاشھەق‏-ھوقۇقلىرىغائالاقىداردەپسەندىچىلىكلەر،مەھبۇسلارئۈستىدىنئورگانتىجارىتى،نامايىشۋەتوپلىنىشھوقۇقلىرىغادائىردەپسەندىچىلىكلەر،ئاخباراتۋەپىكىرئەركىنلىكىگەئالاقىدارچەكلىمىلەر،ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامى ئاستىدا ئۇيغۇر قىز – ئوغۇللارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەش،ئىجتىمائىيۋەمەدەنىيەتجەھەتلەردەئېلىپبېرىلىۋاتقانباستۇرۇش قاتارلىقكىشىلىكھوقۇقنى ئېغىر دەرىجدە دەپسەندە قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى دۇنياجامائىتىنى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ناتو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىقپۈتكۈلخەلقئاراتەشكىلاتلارنى، شەرقىيتۈركىستاندايۈزبېرىۋاتقانكىشىلىكھوقۇقدەپسەندىچىلىكلىرىگەقارشىتېخىمۇسەزگۈربولۇشنىتەلەپقىلىدۇ.خىتاينىڭئۇيغۇرلارئۈستىدىنيۈرگۈزۈۋاتقانبېسىمسىياسەتلىرىگەقارىتا دەرھالھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم قىلىشىنى،شەرقىيتۈركىستاننوپۇسىنىڭئازىيىشىغاسەۋەببولىدىغان،مىللىي قىرغنچىلىق. قەتلىئام،تۇغۇتچەكلەش،شەرقىيتۈركىستانغا خىتايكۆچمەنيۆتكەشكەئوخشاششەرقىيتۈركىستاننىڭئەسلىنوپۇسىنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ياكى يوق قىلىشسىياسەتلىرىگەخاتىمەبېرىش ئۈچۈنخىتايغابېسىمقىلىشقاچاقىرققىلىدۇ.تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىيتۈركىستاندامۇسۇلمانلارنىڭنوپۇسىغائەھمىيەتبېرىپ، تۈرك _ ئىسلام دۆلەتلىرى ۋەئىسلامقۇرۇلتىيىتەشكىلاتىنىڭرايوندايۈزبەرگەنمەسىلىلەرگەتېخىمۇكۆپكۆڭۈلبۆلىشىنى، خىتايغا ئوچۇق ھالدا دىنى ئەركىنلىككە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماسلىق توغرىسدا بېسىم قىلىشقا چاقرىق قىلىدۇ.

 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 

 

About admin