خەۋەرلەر

تىلى يوقالغان مىللەتنىڭ ئورتاق بىر مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھتىن سۆز قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

تىلى يوقالغان مىللەتنىڭ ئورتاق بىر مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھتىن سۆز قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

 

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى بىلەن يۈنۈس ئەمرە ئىنىستىتوتى ئورتاق ھەمكارلىشىش توغرىسىدا بىر كېلىشىمگە ئىمزا قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا تۈركىيە سابىق مائارىپ مىنىستىرى نىمەت چۇبۇكچۇ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، يۇنۇش ئەمرە رەھبەرلىرى قاتناشتى.

 

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتوتى بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قىلغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ھەمكارلىق تۈرك خەلقى ئۈچۈن مۇھىم پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، جەمئىيەتنى مىللەت ھالىغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىل تىل. تىل بۇ جەھەتتە ھېس – تۇيغۇ، چۈشەنچە، بىلىم ئىگەللەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ۋاسىتە. تىل ئوخشاش ۋاقىتتا مەدەنىيەتنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ماشىنغا ئوخشايدۇ. تىلى يوقالغان مىللەتنىڭ ئورتاق بىر مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھتىن سۆز قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن تىلنى قوغداش، تىلنى قوغدايدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىش، تىلنى كېڭەيتىشكە شارائىت ھازىرلاش مۇھىم. تۈرك تىلى گۈزەل بىر تىل ھازىر دۇنيادا 220 مىليون ئىنسان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ.

 

كېيىن مۇراسىمدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: قەشقەردىن ماكادونىيىنىڭ يېزىلىرىغىچە بارغان ھەر يەردە سۆزلىشىلىۋاتقان تۈرك تىلىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ گۈزەل تىلنىڭ شۇ پېتى ساقلانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ھەر تەرەپلىمە مەدەنىيەت چوڭقۇرلۇقىنىڭ نەچچە ئەسىردىن بىرى داۋام قىلغانلقىنى كۆرەلەيمىز.

 

تىل ھەقىقەتەن ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن بەك مۇھىم، ئۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، داۋام قىلىشى، تەرەققىي قىلىشى شۇ مىللەتنىڭ تىلىغا باغلىق. خىتايلار قوش تىللىق مائارىپ دېگەن بىر نەرسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئالداپ تىلىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ باشلانغۇچ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتقىچە بولغان پۈتكۈل مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى بىكار قىلىپ خىتايچە دەرس ئۆتۈپ كەلمەكتە. بۇ مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە ئۇيغۇر تىلى يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى يوقاپ كېتىدۇ. خىتايلارنىڭ رەزىل مەقستىمۇ ئۇيغۇرلارنى تىلىدىن، دىندىن، مەدەنىيىتى، مىللىي مائارىپىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئاسىملاتىسىيە قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلى يوق بولۇش خەۋپىگە دۈچ كەلدى. ئۇيغۇرلار مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دىنىنى، تىلىنى قوغداش يولىدا بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ خىتاينىڭ بۇ رەزىل سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.

مۇسا بايتاش

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close