ماقالىلار

ب د ت نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا سەل قارايدۇ؟

ب د ت نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا سەل قارايدۇ؟

 

تۈركىيىنىڭ بۈگۈن گېزىتىدە بۈگۈن ب د ت نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا سەل قارايدۇ؟ دېگەن تېمىدا بىر ئوبزۇر ئېلان قىلىندى.

بۇ ئوبزۇرنى بۈگۈن گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى ئەسرا ئۇچارخانىم يازغان. ماقالە مۇنداق باشلانغان: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز بىرىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ۋە ۋەھشى قەتلىئام كومۇنىست خىتاي قەتلىئامى بولۇپ، ھېچكىم كۆرمەيدىغان ۋە كۆرەلمەيدىغان بىر قەتلىئامدۇر. خىتايلار بارغانلار يەردە ئەمدى ئېچلىشقا باشلىغان گۈللەرنى دەسسەپ چەيلىۋىتىدۇ. خىتاي ئىشغالىغا ئۇچرىغان ھەر بىر مىللەت خىتاي ئىستىلاسىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن تىبەت خىتاي كومۇنستلىرىنىڭ دەسلەپكى تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا، تىبەت خەلقى قوللىرىدىكى ساپانلار بىلەن ئارمىيە قۇرۇشقا تىرىشىدۇ، ئەمما قوللىرىنىمۇ كۆتۈرەلمەي 1 مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم خىتاي كومۇنستلىرى تەرىپدىن قەتلى قىلىنىدۇ.

تارىختىكى ئەڭ قانلىق ئىدىئولوگىيە دۇنيادىكى تىنچىلق ۋە دوستلۇقنى بىر قېتىمدىلا يوق قىلىۋەتتى. سىتالىن، لېنىن ۋە ماۋغا ئوخشاش دىكتاتۇرلار، دارۋىنىزىم لوگىيكىسىغا ئۇيغۇن رەھىمسىزلەرچە قەتلىئاملاردىن تىگىشلىك ھەسسىسىنى ئالغان قاتىللاردىندۇر. دالاي لاما بىلەن غەرىپ ئەللىرى ئارىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولسىمۇ ، غەرىپ دۆلەتلىرى تىبەتتىكى قەتلىئام ۋە زۇلۇمقا قارىتا بىر ئىش قىلغىنى يوق.

شەرقى تۈركىستانمۇ تىبەتكە ئوخشاش، خەلقارانىڭ خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ قەتلىئام قىلىشىغا ئاۋازسىز تاشلاپ قۇيۇلغان بىر دۆلەتتۇر. سىۋىت ئىتتىپاقى ئىگىلىكىدىن قۇتۇلۇپ ، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان، ئۇزۇن ئۆتمەي قىزىل كومۇنىست ماۋنىڭ ئىشغالى ئاستىدا قالدى.شۇنىڭ بىلەن بىر زامان رۇسلارنىڭ قانلىق چاڭگىلدا قالغان شەرقى تۈركىستان كىيىنكى كۈنلەردە خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ قانلىق چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدى. ئىشغالچى خىتاي كومۇنىستلىرى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنى دىنى ئىتىقادلىرىدىن، ئانا تىلىدىن، مەدىنىيەتلىرىدىن ۋە ئائىلىۋى مۇناسىۋەتلىرىدىن ئايرىۋىتىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا ھەر كۈنى قان تۆكمەكتە.

ماۋنىڭ، شەرقى تۈركىستاندا 1966- يىلىدىكى مەشھۇر “ مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى “ نامى بىلەن باشلانغان مەسجىد – خانىقالارنى يېقىش، دىندار ئىنسانلارنى كوچىلاردا ۋە تۈرمىلەردە ئىسكەنجىگە ئېلىش ، ياش قىز – ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىش، قۇرئان كېرىمنى يېغىپ ئاشكارا كۆيدۈرۋېتىش، تەلىم – تەربىيەنى قامال قىلىش، ئېغىر قات ئاياللارنى مەجبۇرى بويىدىن ئاجىرتىۋېتىش، تۇغۇلۇپ قالغان بۇۋاقلارنى ئۆلتۈرۋىتىش ۋە مەجبۇرى نۇپۇس ئازلىتىش سىياسەتلىرى بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ داۋاملاشماقتا. 20 يىلدىن بىرى مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ ئەسكىرى لاگىرلاردا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شەرتلەر ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. يەنە مىڭلارچە سىياسى دەپ تۇتۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگىنى ئىجتىمائى قىيىنچىلىق ئەمەستۇر. ئىنسان ئەقلى يەتمىگەن ئەڭ ئېغىر قىيىن قىستاقلار، تىرىك پېتى كۆمۈۋىتىشلەر، ئىككى پۇتىنى ئايرىم – ئايرىم ئۆكۈزگە باغلاپ ئىككى پارچە قىلىشلار، ئۆلگىچە سوغۇق قاردا تۇرغۇزۇپ قۇيۇشلار، ئاچ قويۇش سىياسەتلىرى بىلەن ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە مەجبۇرلاشلار، ئىنسانلارنى ئاچلىقتىن بۇۋاقلىرىنى يىگۈدەك ھالغا كەلتۈرۈشلەر شەرقى تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلەرنىڭ دېڭىزدىن تامچە كىبى بىر تامچىسىدۇر. شەرقى تۈركىستانغا ماۋنىڭ كومۇنىزىم سىياسىتى 1949 – يىلى كىردى، 30 مىليۇن ئەتراپىدا ئىنسان پەقەت ئاچلىق ۋە قىيىن قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلدى، ئىنسان ئەقلى قۇبۇل قىلالمايدىغان بۇ قەدەر ئىنساننىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە قاراپ تۇرۇش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن !

خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان “ مىللى تازىلاش “ سىياسىتى نەتىجىسىدە، 60 يىلدا 75% نى ئىگەللەيدىغان مۇسۇلمان نۇپۇسى 40% گە چۈشۈرۈلدى. 60 يىل ئىلگىرى 6 % بولغان خىتاي نۇپۇسى 53 % گە چىقتى. يەرلىك خەلقلەر چوڭ شەھەرلەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇلدى. ئاچلىق ۋە يوقسۇللۇققا مەجبۇرى تاشلاپ قويۇلدى. كىيىنكى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلانى ئاتوم يادرو سىناقلىرىدا ئىشلىتىشكە باشلىدى. ختاي كومۇنىست ھاكىمىيتى 50 كە يېقىن ئاتوم ۋە ھىدروگېن بومبىسىنى شەرقى تۈركىستان توپرىقىدا پارتلىتىپ سىناق قىلدى.210 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ بۇ ئاتوم سىنىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. يەنە مىڭلارچە ئىنسان مەجرۇھلۇق ۋە راك قاتارلىق زەھەرلىك ئۆسمە كىسەللىرىگە مۇپتىلا بولدى ، كەمتۈك توغۇلغان بوۋاقنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئاشتى. بىلىمى مول مەلۇماتقا ئوخشاش يېزىلغان بۇ جۇملىلەرنىڭ ھەر بىرى پۈتۈن دۇنيانى تەۋرىتىشكە يېتىدىغان ھادىسىلەردۇر… ھېلىھەم شۇنداق بولىۋاتىدۇ ! شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار يىللاردىن بىرى تولاۋاتىدۇ، لېكىن تولىمۇ ئەپسۇس، پۈتۈن جاھان جىمجىت.

ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئىنتىرنىتتا ”شەرقى تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى“ دەپ ئىزدەپ بېقىڭ ، نىمىلەر چىقىدۇ؟ قۇربىڭىز يەتكۇچە كۆز يۈگۈرتۈڭ ! خەلقارادا غولغۇلا قوزغىغان سۈرىيە ۋەقەلىكلىرىنى نەچچە ھەسسە قاتلايدىغان قەتلىئام ۋە ۋەھشىلىكنى كۆرەلەيسىز ! سۈرىيەدە ئىككى يىلدىن بىرى يۈز بىرىۋاتقان ۋەھشىچىلىك خىتاي كومۇنىستلىرى ئىشغالىدىكى شەرقى تۈركىستاندا 250 يىلدىن بىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. خەلقارا نىمىشقا ئاۋازىنى چىقارمايدۇ؟… بۇ ئىنسانلارنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرىگە كىم جاۋاپكار بولىدۇ، كىم بۇ دىكتاتۇرلارغا “ توختا“ دەيدۇ ؟ ئەگەر “ توختا “ دەيدىغانلار بولسا قانداق دەيدۇ ؟ خەلقارا قانچە يىلدىن بىرى بۇ ۋەقەلەرنى تاماشىبىنلاردەك كۆرەپ تۇرۇۋاتىدۇ.

شەرقى تۈركىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتىغا سۇنغان بارلىق تەلەپلىرىنىڭ ئارقىغا تاشلاپ قويۇلۇشىنىڭ سەۋىبىنى سورساق كىم توغرا جاۋاپ بىرەر ؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكىلەر دوكلاتلارنى يېزىپ كىيىن بېشىنى باشقا ياققا بۇرايدۇ. ئۇلارغۇ شۇنداق قىلسۇن! بىزنىڭ جوغراپىيىمىزچۇ ؟ بۇ جوغراپىيىدە ياشىغان ، ئۇرۇشلاردىن ، ئىسكەنجىلەردىن زىرىككەن، ماھىيەتتە ھەممىسى قېرىنداش ۋە تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان قوشنا دۆلەتلەر، ھېلىھەم دۇنيانىڭ ئەڭ باي ئائىلىرى بار ئىسلامى دۆلەتلىرى نەدە ؟ نىمىشقا ھېچكىم ئاۋازىنى چىقارمايدۇ ؟ نىمىشقا بىر ئارىغا توپلۇنۇپ ئىستىبدادقا قارشى بىرلىك كۈچى ھاسىل قىلمايدۇ ؟ نىمىشقا شەرقنىڭ بۇ ئاسارىتىگە ئىقتىسادى، سىياسى جازالار بىلەن قارشى تۇرغۇدەك بىرلىك قۇرۇلمايدۇ، نىمىشقا بۇ مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئىگە چىقمايدۇ؟ مانا مەسىلە بۇ يەرگە كەلگەندە بۇنى چۈشەندۈرمەك ناھايىتى قىيىندۇر.

ئاپتورى: ئەسرا ئۇچار

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى مۇسلىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close