خەۋەرلەر

باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى كۈتۈۋېلىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى كۈتۈۋېلىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

 

2013- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان (مەھەللە رايونلارنى يېڭىلاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش) پىلانلىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا يېڭىدىن ياسالغان، ئۆلچەملىك، يەر تەۋرەش ۋە ئوت ئاپىتىگە چىداملىق سېلىنغان بىنا ئۆيلەرنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن زەيتىنبۇرنۇغا كەلگەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى كۈتۈۋېلىشقا سافاكۆي، زەيتىنبۇرنۇ ۋە فاتىھ رايۇنلىرىدىن كۇپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ھەر رايۇندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا باش مىنىستىرنى كۈتۈۋالدى.

 

مۇراسىمدا سۆز قىلغان باش مىنىستىر ئەردۇغان تۈركىيىنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققى قىلىدىغانلىقنى تەكىتلىدى كىيىن بىنالاردىكى قورولارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى ۋە يىغىن ئەھلىنى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلدى.

بۇ يىغىنغا كۆپلىگەن ئاخباراتچىلارمۇ كەلگەن بولۇپ، قانال 24 دېگەنگە ئوخشاش تېلېۋىزىيە قانالىرى پروگراممىنى نەخ مەيداندىن بىۋاستە كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار بۇ يىغىندا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدەتتى ۋە تېلېۋىزىيە ئىكرانلىرىدىن شەرقىي تۈركسىتاننى خاتىرلەتكەن بولدى.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close