پائالىيەتلەر

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

 

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

 

 

 

 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئىستىراتېگىيە تەتقىقات توغرىسىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ياشلار ئۈچۈن يېغىن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇ ئايدىكى يىغىن 2013 ‏- يىل 2 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى ئىستانبۇلنىڭ دېڭىز فەنەرى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

 

 

 

يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىياسەتچلىك قىلدى. يىغىندا ئەنقەرەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىستىراتېگېيە مۇخەتەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى. تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى دېگەن تېمىدا لېكىسىيە بەردى.

 

يىغىن ئىككى سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىن ئاخىرىدا دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

 

يىغىن تەپسىلاتىنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close