خەۋەرلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى جەمئىيتىمىزنى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى جەمئىيتىمىزنى زىيارەت قىلدى

 

ئەرەب دۇنياسىغا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان تەتقىقاتچى دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى، 2013 – يىلى 1 – مارت كۈنى جەمئىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى ۋە جەمئىيەتنىڭ، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق مەسئۇللار بىلەن ئۇچراشتى.

 

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى 2013 – يىلى 2 – مارت شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل خوجا مۇستاپا پاشا رايۇنىدىكى ئىستىقلال تەشۋىقات مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىغا قاتناشتى.

 

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى ئەسلى پەلەستىنلىك بولۇپ، ھازىر ئىئوردانىيىدە ياشايدۇ. ئۇ ئەرەب دۇنياسىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ كېلىۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مىسىر ساپا تېلىۋىزىيىسىدە ئەرەب خەلقىگە سۇنغان 8 قىسىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدىن باشقا شەرقىي تۈركستان مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش خۇسۇسەن ئەرەب دۇنياسىغا ئاڭلتىش ئۈچۈن يازغان كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالە ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى تور بېتىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ كەلمەكتە.

 

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى، ئىستقلال تەشۋىقات مەركىزىدە، ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخماننىڭ رىياسەتچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پروگراممىغا قاتناشتى.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close