پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىزدە 3-ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 

جەمئىيىتىمىزدە 3-ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئايلىق سۆھبەت ئۇچرىشىش يىغىنى ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋام قىلماقتا. جەمئىيەتنىڭ بۇ ئايلىق  سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى 2013 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى كەچتە جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ياشلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىن ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا جەمئيەتنىڭ باش تەپتىش مەسئۇلى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان، ئىئوردانىيىدىن كەلگەن ئەرەب يازغۇچى دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى. 

 

يىغىندا ئالدى بىلەن دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى يوقاپ كەتمەيدۇ، چۈنكى شەرقىي تۈركسىتانغا ئوخشاش بىر جۇغراپىيىدە دۈشمەنلەر نوپۇسىنى ئازايتىش ۋە ياكى كۆپەيتىش ئارقىلىق يوق قىلىشقا ئورۇنسىمۇ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ھەرگىزمۇ يۆتكىۋىتەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەرگىز ئۆچمەيدۇ بەلكى كەلگۈسىدە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى 1400 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان شانلىق تارىخقا ئىگە بىر ئورۇننىڭ مەسىلىسى. 

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى يىغىن ئەھلىگە خىتاپ قىلىپ، خىتاينى كۈچلىنىپ كەتتى دەپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكنى، خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشتا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت -ژۇرنال ۋە ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائى ئۇچۇر – ئالاقە ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازىنىڭ سۆزلىرىنى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرراھمان ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە تەرجىمە قىلىپ بەردى. 

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى ئەسلى پەلەستىنلىك بولۇپ ئىئوردانىيىدە ياشايدۇ. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسىسلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلار يېزىپ ئېلان قىلدى ۋە مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلدى.  دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى  ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا تونۇلىشىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 


كېيىن جەمئىيەتنىڭ باش نازىر مەسئۇلى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، ئاتا – ئانىلارغا خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلەپ يېتىشتۇرگەنگە ئوخشاش پەرزەنتلەرنى نەچچە ھەسسە ئارتۇق ياخشى تەربىيلەش كېرەكلىنى ئىپادىلىدى ۋە ئاتا – ئانىلارغا ۋاپادارلىق قىلىش، رەھمەت ئېيتىش ۋە خىزمىتىنى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە ۋەتەن خەلىقىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەر كىمنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: چەتئەللەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ، ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلارغا ھىسداشلىق قىلىش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى بار، ئۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئورۇنغا جەم بولۇش، قېرىنداش، سەپداش، قەلبداش بولۇش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن نەتىجىلىك خىزمەت قىلغىلى بولمايدۇ. 

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە چەتئەللەردە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئەمما ۋەتەن -خەلق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە، خىتايدىن قورقۇپ قاتناشماي كېلىۋاتقان كىشىلەرگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلار،  دىنىنى ساقلاپ قېلىش، خەلقىنى قوغداش يولىدا، ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، بارلىقىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئەڭ ئاز دېگەندە تۈرمىگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بىزگە ئوخشاش ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلار بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىش كېرەك. ئىستانبۇلدا ياشاۋىتىپ 10 مىڭ كىلومىتېر ئۇزاق بېيجىڭدىكى خىتايدىن قورقۇپ يىغىن پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق خارلىق بولمايدۇ.  ئەگەر بىز خىتايدىن قورققانغا ئوخشاش ئاللاھتىن قورققان بولساق خىتاينىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلەتتۇق. 


بۇ قېتىملق يىغىننى تېخىمۇ ئالاھىدە قىلغىنى بولسا، يىغىنغا پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىغا تونۇلغان مەشھۇر يازغۇچى ئالىم، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەكرەم ھىجازىنىڭ قاتنىشىشى ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھېكمەت، ئىلىم ۋە قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بولدى.

 

 

كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە چەتئەلدىكى قىسمەن كىشىلەردە شەكىللەنگەن قورقۇنچاقلىق كېسىلى ھەققىدە ۋە ئىسلامنىڭ تۈپ سىياسىي ئىرادىسى ھەققىدە قىسقا ئەمما مەزمۇنلۇق توختالدى.

يىغىن تاماق زىياپىتىدىن كېيىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

 

سۈرەت: 2013 – يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن قېرىنداشلىق ۋە ئۇچرىشىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر

 

يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىنئالغۇ فىلىمنى ئېچىڭ:

1_ قىسىم

http://istiqlaltv.com/itv/korux.php?v=T7x2WRSlFLhEVedY

2 – قىسىم

http://istiqlaltv.com/itv/korux.php?v=basPCW5zyAwVOhnE

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close