شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە

2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئۆتمۈشكە ئىگە تۈركىستان جۇغراپىيىسى 12 ئەسىردىن بۇيان ئىسلام ھازارىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەدىمىي بىر مەدەنىيەت مەركىزىدۇر. شىمالدىن جەنۇبقىچە، شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغان، تاكى ھۇنلاردىن باشلاپ تابغاچلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قاراخانىيلار، غەزنەۋىيلەر، خارەزىم شاھلىقى ۋە سەلچۇقىيلار ئەسىرلەر بويى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بىپايان تۈركىستان زېمىنى ئەھمەت يەسەۋى، شاھ نەقشىبەندى، ئىمام بۇخارى، تىرمىزى، ئىبنى سىنا، فارابى، بىرۇنى، خارەزىمى، ئۇلۇغ بەگ، يۈسۈف خاس ھاجىب، مەھمۇد قەشقىرى، ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان قاتارلىقلارغا ئوخشاش يۈزلىگەن تۆھپىكار ئىلىم ـ مەرىپەتچىلەرنى، شۇنداقلا ئادالەتپەرۋەر ھۆكۈمدارلارنى يېتىشتۈرگەن يۇرتتۇر.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن، ئاقسۇ ۋە تۇرپان قاتارلىق قەدىمىي شەھەرلىرى؛ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن تاشكەنت، سەمەرقەنت، بۇخارا، چىمكەنت ۋە ئالماتا شەھەرلىرى تۈركىستان ھازارىتى، شۇنداقلا قانچىلىغان ھازارەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى بولغان مىڭلارچە كلومېتىرلىق تارىخىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئۆتەڭلىرىدۇر.
ئىسمى ھەر زامان گۈزەللىكلەر بىلەن تىلغا ئېلىنغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە تۈركىستان زېمىنى يېقىنقى ئىككى يېرىم ئەسىردىن بۇيان توختاۋسىز ئىشغالىيەتنىڭ، قانلىق باستۇرۇش ۋە قەتلىئاملارنىڭ، مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇمنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر، ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، تۈركمەنلەرنىڭ يۇرتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ قەدىمىي تۈركىستان زېمىنى چاررۇسىيە ۋە خىتاي مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئىشغالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلۈنۈپ پارچىلاندى. قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ سۆيگۈ ۋە ئۈمىدى بولغان بەرىكەتلىك شەھەرلەر بىر ـ بىرلەپ يەر بىلەن يەكسەن بولدى، خەلقلىرى ئۈزلۈكسىز زۇلۇم كۆردى. نەتىجىدە، تۈركىستان رەھىمسىز ئىشغال ئىچىدە ئېڭراۋاتقانلىقى ۋە بايلىقلىرىنىڭ تالان ـ تاراج قىلىنغانلىقى بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. تۈركىستاننىڭ غەربى قىسمىنى رۇسلار ئىشغال قىلسا، شەرقىي تۈركىستان خىتايلارنىڭ ئىستىلا مەركىزىگە ئايلاندى. رۇسلار غەربى تۈركىستانغا “رۇس ئوتتۇرا ئاسىياسى” دەپ ئىسىم بەرسە، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى “يېڭى ئىشغال قىلىنغان زېمىن” مەنىسىدىكى “شىنجاڭ” دېگەن نام بىلەن ئاتىدى. ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ زېمىن ھەر ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن تەبىئىي تېرىتورىيىسى دەپ قارالدى. ھەتتا جاللات ماۋزېدۇڭ: “شەرقىي تۈركىستان 2000 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ زېمىنىدۇر” دەپ ئېلان قىلالىدى.
غەربى تۈركىستان ئۇزۇن يىللىق ئاسارەتتىن كېيىن، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. 18 ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن ئېتىبارەن خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستان ھازىرمۇ مۇستەملىكە ئاستىدا ئېڭرىماقتا. 1949 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئاخىرقى قېتىم ئۆز تېرىتورىيىسىگە قېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتى 60 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنسىز مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالچى ھاكىمىيىتى مىلىيونلارچە گۇناھسىز ئىنساننىڭ قەتلى قىلىنىشى، يۈزمىڭلارچىسىنىڭ ئاسارەتتە قېلىشى بىلەن نەتىجىلەندى. خىتاي ئىشغالىيىتى مەزكۇر زېمىننىڭ تارىخى ۋە ھازارەتلىرىنى تامامەن ئاسمىلاتسىيە قىلماقتا، خەلقنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا. ئۆز ۋەتەنلىرىدە ئىرقىي ۋە دىنىي ئايرىمچىلىققا، پىلانلىق ھالدا ئاسمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىگە دۇچار بولغان مىلىيونلارچە شەرقىي تۈركىستانلىق ئانا يۇرتلىرىنى تاشلاپ، تەرەپ ـ تەرەپكە كۆچۈپ كېتىش يوللىرىنى تۇتماقتا.
بىر زامانلار تەڭداشسىز ئىلىم ـ مەرىپەتلىرى بىلەن دۇنياغا نۇر چاچقان شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرى ۋە يېزا ـ قىشلاقلىرى ئەركىن نەپەس ئېلىشمۇ چەكلەنگەن، ئىرقىي، دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي زوراۋانلىقلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى بىلەن ياشىغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغان، توختاۋسىز قەتلىئاملار سادىر بولۇپ تۇرىدىغان جايلارغا ئايلىنىپ قالدى. تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىگە تايىنىپ، ئانىلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلارنى ئېلىۋېتىش، روزا تۇتۇش ۋە مەسجىدكە چىقىشنى چەكلەش، تەلىم ـ تەربىيە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سەھىيە خىزمەتلىرى قاتارلىقلارنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىشقا ئوخشىغان ناھەق قىلمىشلار شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن كۈندىلىك ھاياتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئەرزان ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە ياكى پاھىشە قىلىشقا زورلاپ، ئەخلاقسىزلىق پاتقاقلىرىغا سۆرەپ كىرمەكتە. خەلقنىڭ جان تومۇرى ھېسابلانغان مۇتەپەككۇر، ئۇقۇمۇشلۇق ۋە مۇنەۋۋەر كىشىلىرى چارىسىز ھالغا چۈشۈرۈلمەكتە ياكى يېتىم قالدۇرۇلماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قارىلاش سىياسەتلىرى يۈزىسىدىن تەشۋىقات ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنى قوللىنىش چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ھەققىدە توغرا مەلۇمات ئېلىش ئىمكانسىز دېيەرلىك ھالدا داۋام قىلماقتا.