جەمئىيەت ھەققىدە

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەققىدە:

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006 ‏- يىلى ئىستانبۇل شەھرىدە “ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى“ نى نام بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇنلۇق ھالدا رەسمى  قۇرۇلدى.

 ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949- يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە خەلقىمىزنى باش كۆتەرتمەي زۇلۇم قىلىپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.  نۇرغۇن ئۆلىمالىرىمىز، زىيالىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى ۋە ياكى تۈرمىگە قامالدى. تارىخى ئەسەرلىرىمىز كۆيدۈرۈلدى. مەدەنىيەتلىرىمىز يوق قىلىندى. نۇرغۇنلىغان مەسچىد ۋە  مەدىرىسلىرىمىز  چېقىۋىتلدى. مەجبۇرىي پىلانلىق توغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ دۇنياغا تېخى كۆز ئاچمىغان نۇرغۇن بۇۋاقلىرىمىزنى ئانىنىڭ قارنىدا ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي كۆچمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە كۆپلەپ يەرلەشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركسىتاندا نوپۇسىمىزنى ئازلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورنىۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مال – مۈلكى، يەر- ماكانلىرىنى تارتىۋالدى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ سىياسي، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائي ۋە مىللىي ھەق-ھۇقۇقلىرى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا.

 ئىشغالچى خىتاي خەلقىمىزنى پۈتۈنلەي ئاسىمىلىياتىسيە قىلش ۋە يوق قىلىش سىياستى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ، ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىش، دىنى ئەركىنلىكىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش، ئانا تىلىمىزنى قوغداش، مىللىي مائارىپىمىز بويىچە تەلىم ئېلىش، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش خىزمىتى، خەلقىمىزنىڭ غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن شانلىق  مۇسۇلمان ئەجدادىمىزغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇيۇشۇش، ئىتتىپاقلىشىش،  ئاساستا بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ قارايدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان، دىنى، مىللىى، ئىمانى ۋە ۋىجدانى مەجبۇرىيتى بولۇپ قالدى. بۇ مەجبۇرىيەتنى ھەممىمىز جەم بولۇپ بىرلىكتە ئادا قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلدى.

  غايە – مەقسەت

 شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، دۇنيادا ئادالەت ۋە تىچنلىقنىڭ  بەرپا بولۇشىغا ھەسسە قوشۇش، ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ۋەتەن ‏- خەلق ئۈچۈن بىرلىك، باراۋەرلىك بەرپا قىلىش،  ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق خەلقىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان ساھەلەردە خىزمەت قىلىشنى غايە مەقسەت قىلىدۇ.

  جەمئىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقان خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر:

1- ياشلارنىڭ بىلىم ‏- سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىشى ئوقۇ ‏- ئوقۇتۇش ۋە تەلىم ‏- تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاش.

 2- خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن ‏- مىللەت ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، دۇنيا كۆز قارىشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن دەۋەت – تەشۋىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىش.

3- مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا بىرلىك ئىتتىپاقلىق روھىنى كۈچەيتىش، ئىناق ‏- ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدىغان خىزمەت پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش.

ۋەتەن ‏- خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بولغان ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياشلار بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش  ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش.

4- خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادى، مىللى مائارىپى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش.

5- خەلقىمىزنى توغرا پىكىر،  ئىسلامى كۆز قاراش بىلەن يىتەكلەش، ھەققانىيەتكە ئۈندەش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ئازادلىققا كۈرەش مەيدانىغا چاقرىق قىلىش.

 6- تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كىتاب، ژۇرنال، ئۇن ‏- سىن ماتېرىياللارنى تەييارلاپ نەشىر قىلىپ تارقىتىش. ئىنتېرنېت تور رادىئو – تېلېۋىزىيەدىن ئىبارەت تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق  ۋەتەن خەلقىمىزگە ئالاقىدار توغرا ئۇچۇر ‏ ۋە خەۋەرلەرنى ۋاقىتدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق خەلقىمىزنى توغرا ۋە ھەققانىيەتكە يۈزلەندۈرۈش ساھەلەردە خىزمەت قىلىش.

7- ئاسارەتتە قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا، ۋەتەننىڭ ئەمەلى شەرت ‏-  شارائىتى ۋە ۋەزىيىتىگە قاراپ پائالىيەت ئېلىپ قىلىش.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن نوقتىلار بويىچە غايە  – مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006 – يىلى قۇرۇلغاندىن بىرى يىلدىن يىلغا ئاكتىپ خىزمەت – پائالىيەت قىلىپ خىزمەت دائىرلىرى كېڭەيدى. 2010 – يىلى جەمئىيىتىمىز 60 تىن ئارتۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى. 2011- 2012 – يىلى توپلام 120 تىن ئارتۇق يىغىن- پائالىيەت ئېلىپ باردى. 5 قېتىم نامايىش، 12 قېتىم ئىستىراتېگىيە تەتقىقات توغرىسىدا يىغىن، 12 قېتىم ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى بولۇپ كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلدى ۋە مەلۇم نەتىجىلەر كۆرۈلدى.

 شۆبە ۋە بۆلۈملەر

 جەمئىيەتنىڭ ھازىر، مائارىپ، تەلىم تەربىيە بۆلۈمى. تاشقى مۇناسىۋەت ۋە سىياسى خىزمەت بۆلۈمى، ئىقتىساد ۋە مالىيە بۆلۈمى، ئىجتىمائى خىزمەت بۆلۈمى، ئىستىراتېگىيە تەتقىقات بۆلۈمى، نەشىرىيات بۆلۈمى ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر قۇرۇلدى ۋە بۇ بۆلۈملەر ئۆز ساھەسى بويىچە ئايرىم – ئايرىم  خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىر قانچە شۆبە ۋە بۆلۈملەر قۇرۇلدى.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، كۈچۈكچەكمەجە ۋە ئاقساراي قاتارلىق رايونلاردا جەمئىيەتنىڭ شۆبە ۋە بۆلۈملىرى ئېچىلدى ۋە ھەر قايسى شۆبىلەردە يەنە ئاياللار بۆلۈملىرى ئېچىلدى.  بۇ شۆبىلەردە  ئۇچرىشىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ، خەلق بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئىجتمائى خىزمەتلەر شۇنداقلا ھەر خىل مەزمۇندا دەرسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ.

 ئىستىراتېگىيە تەتقىقات بۆلۈمى: 

شەرقىي تۈركسىتان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى نام ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركسىتان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تېمىلار توغرىسىدا مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. تەشكىلات ئىدارە قىلىش، شەرقىي تۈركسىتان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىگە مۇناسىۋەتلىك پىلان تۈزۈش ۋە ئىدارە قىلىش تېخنىكلىرى توغرىسىدا كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىستىراتېگىيە تەتقىقات بۆلۈمى: غايە – مەقسەت: 

  شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىي، ئىقتىسادى، ھوقۇقى، ئىجتىمائى ساھەلەردە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ئىلمى تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش، مۇزاكىرە ۋە يۇمۇلاق ئۈستەل بەس – مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى دەلىل – پاكىت بىلەن توپلاپ چىقىپ ئىلمى ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىپ چىقىپ مۇناسىۋەتلىك دۆلەت – ئىدارە – ئورگان ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا سۇنۇش ۋە بۇ ھەقتە قارار ئېلىشقا چاقىرىق قىلىش.

 قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت – پائالىيەتلەر :

1‏- شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىش. شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئۇچۇر توپلاش.

2‏- ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان دوكىلاتى ھازىرلاش.

3‏- شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىكىلەر توغرىسىدا دوكىلات ھازىرلاپ، ب د ت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئافرىقا بىرلىكى، ئەرەب بىرلىكى، تۈرك بىرلىكى، خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا سۇنۇش.

4‏- شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان شەخس ياكى تەشكىلارتلار بىلەن  ھەمكارلىشىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش.

5‏-ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ كەلگۈسى توغرىسدا ئىستىراتېگېيىلىك ئىش – پىلان تۈزۈش، مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇش يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش.

6‏-تۈركىيىدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئىستىراتېگېيە ۋە تەتقىقات ئىدارىلىرى بىلەن يېقىندىن ئالاقە قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە خىزمەت تەجىرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش.

7- كىتاپ ۋە ماتېرىيال توپلاپ شەرقىي تۈركىستان كىتابخانىسى ۋە تور كىتابخانىسى قۇرۇش.

8- يىغىن، مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇش شەرقىي تۈركسىتان مەسلىسىنى خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىش.

 ئىستىراتېگىيە تەتقىقات بۆلۈمنىڭ ئەھمىيىتى

ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، مۇنداقچە ئېيتقاندا مىللەتنىڭ ئەقىل ئامبىرى بولۇپ، بۇ ئەقىل ئامبىرى،  دوست ۋە دۈشمەن بىلەن مۇناسۋەت  قىلىشتا پايدا – زىياننى ئالدىن مۆلچەرلەش، خاتالىقتىن ساقلىنىش، ۋە خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خاتالقتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە غەلبە ۋە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئىنتايىن ئەھمىيەت ئىگە.

  تەشۋىقات بۆلۈمى: 

تەشۋىقات ئەڭ مۇھىم خىزمەت ساھەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تەشۋىقات ۋە ئاخبارات، ئىنسانلارنى ئۇچۇر-مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، توغرا ۋە راستچىللىققا ئۈندەيدۇ، ئىنسانلارنى پايدىلىق بولغان تەرەپكە يۈزلەندۈرىدۇ.

ئاخبارات، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. دۇنيا تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شۇ ھامان خەۋەر تاپىدۇ. ھەر كۈنى، ھەر سائەت دېگۈدەك ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر، ۋەقە-مۇلاھىزىلەر، رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارغا تەقدىم قىلىنىدۇ. ئىنسانلارنى يېڭى-يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ مەنىۋى بايلىقىنى بېيىتىدۇ. پىكىر-قاراشلىرىدا يېڭى چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ. تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دۆلەتنىڭ ياكى ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

جەمئىيىتىمىزنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى ئىستىقلال تور رادىئو – تور تېلېۋىزىيەسى نام ئاستىدا ھەم رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ھەم خەۋەر سەھىپىسى بولۇپ 3 تۈر بويىچە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەمئىيەتنىڭ رەسمى تور سەھىپىسى ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بەتلىرى ئارقىلىقمۇ تەشۋىقات ساھەدە بىر قانچە تىلدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.  بۇنىڭدىن ئاساسى مەقسەت خەلقىمىزغا توغرىنى ئاڭلىتىش، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، خەلقنى ھەققانىيەتكە چاقىرىش. ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى پاش قىلىش ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

 تەرجىمە ۋە نەشىرىيات بۆلۈمى: 

سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشىرىياتى نام بىلەن قۇرۇلغاندىن نەشىرىيات بۆلۈمى ھازىرغىچە 30 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب نەشىر قىلدى. بۇنىڭدىن 2012 – يىلى ئىچىدە 10 پارچە كىتاب نەشىر قىلىندى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەلقىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق دەپ قارالغان كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش نەشىرگە تەييارلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەلىم – تەربىيە ساھەسىدە ئۇنىۋېرىسىتىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش راسخوتى بىلەن تەمىنلەش، تۇرالغۇ ئورۇن ۋە مەكتەپكە ئورۇنلىشىش، ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش دېگەنگە ئوخشاش خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زەيتىنبۇرنۇ، كۈچۈكچەكمەجە ۋە ئاق ساراي قاتارلىق ئۈچ ئورۇندا، ئانا تىل ۋە قۇرئان ئۆگىنىش يەسلى سىىنىپلىرى ئېچىلىپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ كەلمەكتە. ھازىر بۇ يەسىلىلەردە 120 دىن ئارتۇق پەرزەنتلىرىمىز تەلىم ئېلىۋاتىدۇ.

جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى چاپادىكى مەركەز، زەيتىنبۇرنۇدىكى شۆبە، كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆيدىكى شۆبە ۋە ئاقسارايدىكى شۆبىلەر بولۇپ 4 ئورۇندا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئورۇنلىرى مەۋجۇت بولۇپ بۇ ئورۇنلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ھەر خىل ساھە ۋە تۈردە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

 جەمئىيەت ئەزا بولغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار

 شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى ئىجىتمائى تەشكىلاتلار بىرلىكى.  تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى. تۈركىيە ئاممىۋىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ھۆر شەرقىي تۈركسىتان مۇنبىرى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رەسمى ئەزاسى بولۇپ ئۇ تەشكىلاتلار بىلەن خىزمەت – پائالىيەلەردە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.

جەمئىيىتىمىز 2006 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان  نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇزۇن مۇساپىلارنى بېسىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭ بىر تەشكىلات بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. جەمئىيىتىمىز مائارىپ جامائىتىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە تۈركىيە ۋە دۇنيادا شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم تەشكىلاتلاردىن بىرىگە ئايلاندى.  ئەلۋەتتە بۇ، پۈتۈن سەپداشلارنىڭ ئىخلاسمەنلىك ۋە سەمىمىيىلىك بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەر.

يېڭى يىلغا قەدەم قويدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت – پائالىيەت توغرىسىدا يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز لازىم بولىدۇ. خىزمەتلەرنى ئورتاق قىلىش، ھەمكارلىشىش قول تۇتۇشۇپ مېڭىش، جامائەت بولۇپ ياشاش يەنىلا ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى. ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە: ئاللاھنىڭ ئارغامسىچىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار! دىگەن ئايىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى جامائەتلىشىشكە بۇيرىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ھەقتە تەلىمات بېرىپ، ئاللاھ جامائەت بىلەن بىرگە دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە، جامائەتلىشىڭلار بۆلۈنمەڭلار دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك بىر سۆزى بار،، جامائەتسىز ئىسلام بولمايدۇ. باشلىقسىز جامائەت بولمايدۇ، ئىتائەتسىزلىك بىلەن باشلىق بولمايدۇ. جامائەتلىشىشنىڭ ھېكمەتلىرى كۆپ، جامائەتلىشىش بىلەن كۈچ ھاسىل بولىدۇ، بەركەت ۋە غەلىبە جامائەتكە خاس بولىدۇ.

 

Back to top button